ياشلىق?

Tags: نى, ان, ىڭ, ىن, ەن,

2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋەر قىلىنىشىچە، 20 ياشلىق لومىنى ئەنگلىيەلىك مودېل بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان قىزىقىشى بار ئىكەن، يەنى ئۇ ھەددىدىن تاشقىرى تار كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ھەتتا ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالغان. 15 ديۇيم (تەخمىنەن 38 سانتىمېتىر) كېلىدىغان بېلى بار بۇ قىز ھەر كۈنى ئالتە سائەتتىن ئارتۇق ناھايىتى تار بەدىنىنى چىڭ قىسىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىنچىكە بەلنى مەيدانغا كەلتۈرمەكچى بولغان.

方法/步驟

ئەكسىچە، ئۇزۇن مەزگىل چىڭ ھەم بەدەننى قىسىدىغان كىيىم كىيىش لومىنىنىڭ بەدىنىگە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن، ئۇنىڭ قوۋرۇغا سۆڭىكى ئۇزۇن مەزگىل بېسىلىۋەرگەنلىكتىن دائىملا ئاغرىپ قالماستىن، ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان.

سىرتلاردا قانداق بەس-مۇنازىرىنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ گەپلەرگە پىسەنت قىلمىغان لومىنى ئۆز خائىشى بويىچە ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ۋە گۈزەللىكىنى قوغلىشىشتا چىڭ تۇرغان. كۈتۈلمىگەن يەردىن، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ قوللىشى ۋە توغرا چۈشىنىشىگە ئېرىشكەن.

ئۆتۈپ كەتكەن 18 ئاي ئىچىدە، ئۇ ئالدى بىلەن «كىم كارداشيان بەل مەشىقى ئۇسۇلى» نى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ 25 ديۇيم (تەخمىنەن 64 سانتىمېتىر) كېلىدىغان بېلىنى 22 ديۇيم (تەخمىنەن 56 سانتىمېتىر) غا چۈشۈرگەن. بۇ جەرياندا ئۇ بەدەننى چىڭ قىسىدىغان كىيىمنىڭ بەل ئايلانمىسىنى كىچىكلىتىشتىكى ئۈنۈمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقاپ، تېخىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇ بىر ھەپتىدىكى تۆت كۈن ئىچىدە ئالتە سائەت بەدىنىنى چىڭ قىسىدىغان كىيىملەرنى كىيىدىكەن

لومىنى بەدىنىنى چىڭ قىسىدىغان كىيىملەرنى كىيىش ئارقىلىق ئۆزى ئارزۇ قىلىدىغان «قۇم سائەت فىگورىسى» نى چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇنىڭ قەتئىيلىكى ئاستىدا، ئۇنىڭ بەل ئايلانمىسى ئاخىرى بۈگۈنكىدەك ھالغا كەلگەن، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇنىڭ بەل ئايلانمىسى يەنىلا دۇنيا جېنىس رېكورتىدىن ئازراق ئارتۇق ئىكەن.

نى, ان, ىڭ, ىن, ەن,
相關問題答案